Categories
Languages

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەيۋەن بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشى كېرەك

كوروناۋىرۇس يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانى شىددەت بىلەن قاپلاۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مۇشتۇمدەك كېلىدىغان تەيۋەن، ناھايىتى تېزلىكتە بېلگىيەچىلىك چوڭلۇقتىكى ئارال دۆلىتىدە 23 مىليون ئاھالىسىنى بۇ ۋىرۇس يۇقۇمىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاپ قالالىدى. ۋىرۇس مەنبەسى بولغان يان خوشنىسى خىتاي بىلەن بولغان يېقىن جۇغراپىيىۋى ۋە تىجارى مۇناسىۋىتىگە قارىماي، تەيۋەن 2020-يىلى 29- نورۇز (مارت) قا كەلگەندە، 298 يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۈچ ئۆلۈم بىلەن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئاز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى. 

شۇنىڭغا قارىماي، تەيۋەن ھازىرغىچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يېقىن كەلتۈرۈلمەيۋاتىدۇ.

ھالبۇكى، تەيۋەن 2019-يىلى 30- دېكابىردىن باشلاپلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى دۇنياۋى يۇقۇملىنىش خەۋپىدىن، بولۇپمۇ ۋىرۇسنىڭ ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقۇش مۈمكىنچىلىكىدىن ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭدەك، يۇقۇملۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ سەھىيە تەرەپتىكىلا ئەمەس، ئىقتىسادى ئىقتىدارىنىمۇ ساقلاپ قالالىغان. پۈتۈن دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئاھالىلىرىنى كارانتىنغا ئالغان مۇشۇنداق پەيتتە، تەيۋەن ئاھالىسى ئەكسىنچە نورمال تۇرمۇش كەچۈرمەكتە : ئۇنىۋېرسىتىتلار، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوچۇق، شىركەت-زاۋۇتلار نورمال ئىشتا، كىشىلەر بۇرۇنقىدەك يوللاردا ئەركىن يۈرمەكتە. 

23-يانىۋار ئۆز تۇپرىقىدا تۇنجى يۇقۇملانغۇچىنى بايقىغاندىن كېيىن، تەيۋەن بۇنىڭ پۈتۈن دۆلەتكە يىيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شۇ زامات يۇقۇملۇق ۋىرۇس كىرىزىسىنى باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. مەزكۇر ئەسلىھەلەر 2003-يىلىدىكى سارس ۋىرۇسىنىڭ بۇ ئارالغا ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچلۇق تەجرىبىسىدىن كېيىن لايىھەلىنىپ، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 

24-يانىۋاردىن تارتىپلا، تەيۋەن دائىرىلىرى ماسكا ئېكىسپورتىغا مەلۇم چەكلىمىلەر قويىدۇ ۋە ئالدىنقى 14 كۈن ئىچىدە خىتايغا بارغان بارلىق كىشىلەرگە قارىتا چىگرادا قاتتىق كونتىرول ئېلىپ بارىدۇ. ئۇندىن باشقا، خىتايدىكى ۋىرۇس مەركەزلىرى بولغان رايونلارغا بارغان تەيۋەنلىكلەرنى 14 كۈن كارانتىنغا ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، چىگرادىن كىرگەن ھەرقانداق كىشى دائىملىق سالامەتلىك كۈزىتىشىگە ئېلىنىدۇ. تەيۋەن سەھىيە ۋە ئىجدىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى چەكلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تەيۋەن پۇقرالىرىنى ۋىرۇس يۇقىمىدىن قوغداش ئۈچۈن ھەر كۈنى 13 مىليون ماسكا ھازىرلايدۇ. بىر ئاي ئىچىدە، پۇقرالىرى ئۈچۈن تەييارلىغان ماسكا سانى تۆت ھەسسە قاتلانغان.  

بۈگۈنگە قەدەر، تەيۋەن دۇنيادىكى، بارلىق قارارلار ھەرخىل ساھەلەر بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلا مەركىزى ئورگاندىن چىقىرىلىدىغان، بىردىنبىر دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. مەزكۇر ئورگاننىڭ بېشىدا تەيۋەن سەھىيە ۋە ئىجدىمائىي ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ تاموژنا، ئىقتىساد،مائارىپ ۋە قاتناش ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق چارىلەرنى قوللىنىشىغا رۇخسەت بەردى. بۇ خىل بارلىق ئۇچۇرلارنى بىرلا ئورگانغا توپلاپ، قارارلارنى مەركەزلەشتۈرۈش كەڭ كۆلەملىك يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىشتا ئاچقۇچلۇق ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ. 

تەيۋەن ناھايىتى تېزلا ئۆزىدە بولغان بارلىق سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى پۈتكۈل يوشۇرۇن يۇقۇملۇق زەنجىرىگە ئورناتتى :  يولۇچىلارنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئالاقىدە بولغان كىشىلەرنى تېپىپ چىقىش، دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە كارانتىنغا ئېلىش، يۇقۇملۇق گۇماندارلىرىغا دوختۇرخانىلاردا ئايرىم ئۆچىرەت بېكىتىش، خەلققە ماسكا ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى تارقىتىش …ۋەھاكازالار. تەيۋەن تەتقىقاتچىلىرى كوروناۋىرۇسنىڭ غول ۋىرۇسىنى ئايرىپ چىقتى ۋە رەمدېسىۋىر قارشى ۋىرۇسىنى بىرىكتۈردى. ئەمدىلىكتە بولسا، 15 مىنۇتتىلا نەتىجىسىنى بېرىدىغان ۋىرۇس تەكشۈرگۈچ ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.

تەپسىلى ئۇچۇر ھەققىدە داۋاملىق خەۋەرلەندۈرۈش خەلقنىڭ يولغا قويۇلغان ئەسلىھەلەرگە تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئۆزلىشىشىدە ۋە شۇنداقلا يالغان ئۇچۇر ۋە ئىغۋالارنىڭ قالايمىقان ئېقىپ، ئاسانلا جەمئىيەتتە ئالاقزادىلىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

مانا شۇنداق قىلىپ، تەيۋەن تىببىي تەتقىقات ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە،2018-يىللىق بلۇمبەرگ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى داۋالاش سېستىمىسنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىدە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 9- ئورۇنغا تىزىلغان تەيۋەن، سەھىيە سېستىمىسىنىڭ سۈپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. 

تەيۋەن دۇنيا ساقلىقىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان مۇھىم ئاكتىيور. ئەپسۇسكى، مۇشۇنداق مۇھىم بىر دۇنيا ئەزاسى 5-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان كېلەر قېتىملىق دۇنيا سەھىيە مەجلىسىگە چاقىرىلمىغان.

مۇشۇنداق يۈكسەك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىندىن تەيۋەننى يەكلەش، بولۇپمۇ بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ بولالمايۋاتقان مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر تارىخى ۋاقىتتا،مول تەجرىبىلىك بۇ دۆلەتنى يېقىن كەلتۈرمەسلىك ئېنتايىن زور بىر خاتالىق. بۇنداق قىلىش پۈتۈن دۇنيانىڭ شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ساقلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى شۇ تاپتىكى دۇنيا خاراكتېرلىق يۇقۇملۇنۇش سالامەتلىك مەسىلىلىرىنىڭ چىگرا تونۇمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. 

تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەرقانداق پائالىيەتلىرىدە ئېلىشقا تېگىشىلىك ئورنى بار. ئۇنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى بولغان دۇنيانىڭ ساقلىق سېستىمىنى كۈچلەندۈرۈشتە، شۇنداقلا كوروناۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتە  ئويناشقا تېگىشلىك رولى بار.

بىز،يەنى  پۇقرالار،سەھىيە رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھەر ئېقىمدىكى پارلامېنت ئەزالىرى شۇنى جاكارلايمىزكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرقانداق سىياسىي ئويۇندىن، دىپلوماتىك تەسىردىن خالىي ھالدا، پۈتۈن كائىناتتىكى ھەر بىر جانلىقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولغان ئۆزىنىڭ ئەڭ مەركىزى ۋە ئەڭ مۇھىم رولى ۋە خىزمىتىگە دىققىتىنى بېرىشى كېرەك. 

خۇددى تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئېھتىياجى بولغاندەك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ تەيۋەنگە موھتاج. 

دەل شۇ سەۋەپتىن، بىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى، تەيۋەننىڭ كېلەر قېتىملىق مەجلىسىگە قاتنىشىشىغا، تېخىمۇ كەڭرەك قىلىپ ئېيتقاندا، تەشكىلات ئىچىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشىغا يول قويۇشقا ۋە شۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ساقلىق مەسىلىسىگە لايىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز.  

Please leave comments in English, Spanish, Italian, Chinese, or French. Thank you.

請以英文、西班牙文、義大利文、法文或中文留言。

When you fill in this webform and click on “post comment”, you accept that your personal data will be processed in order to enable your comment to be published. Before submitting your comment, please take a moment to find out more about who can access your personal data and how it is processed, by reading the privacy policy.